باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەندى

2018.11.30 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- نويابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ يېقىندا ئېچىلغان 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تور-سىنلىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن، ئېنىقسىز ۋە مۇقىمسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىزنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار. جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، 2019-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى لازىم.

  لىن خۇيچىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تېخىمۇ ئەلا سۈپەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم. «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىش» يېڭى ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ دەل جايىدا جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھاياتلىق تەرەققىياتى كەسپىي مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مەخسۇس تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن خادىملار قاتناشقان قىيىنچىلىقى بارلارنى «بىرگە-بىر» دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. «ئۈچنى قەتئىي مەنئى قىلىش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى قەتئىي توسۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر