باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەسلىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2018.11.29 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 28-نويابىر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»نى يېشىپ چۈشەندۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىك ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەسلى مائارىپى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بالىلار باغچىسى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەسلىلەرنىڭ نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  لۈ يۈگاڭ مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: 2017-يىلى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %44.1 كە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 26.5كە يەتتى. 2020-يىلى ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەسلىلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، يۆنىلىشنى يېتەكلەپ، باھا تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى چوقۇم جارى قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەسلىلەرنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىرلىكتە ئالاقىدار تۈزۈم ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زىيادە مەنپەئەت قوغلىشىدىغان يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى توسۇدۇ.كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىرمەنبە: خەلق تورى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر