باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتىكى «ئارقىغا قاراش»تا، 1122 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.11.29 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتىكى «ئارقىغا قاراش»تا بەش نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە سەنشى، لياۋنىڭ، جىلىن، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، سىچۈەن، گۈيجۇ، شەنشى قاتارلىق 10 ئۆلكىگە ئورۇنلىشىپ، نازارەت قىلدى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، بەش نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

  11-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 20:00 گىچە، ھەر قايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئاممىنىڭ 36 مىڭ 31 پارچە ئەرز-شىكايىتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈنۈملۈك پاش قىلىش 27 مىڭ 440 پارچە، رەتلەش ئارقىلىق تەكرار قىلىنغان پاش قىلىشنى قوشۇپ بىرىكتۈرۈپ، نازارەت قىلىنغۇچى رايونغا يۆتكەپ بىرتەرەپ قىلىش ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگىنى 26 مىڭ 857 پارچە. شۇ ۋاقىتقىچە، يەرلىكنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغىنى 10 مىڭ 986 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە 1741 ئورۇننى دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلدى، جەمئىي 123 مىليون 894 مىڭ 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىنغىنى 99 پارچە، توختىتىپ قويۇلغان ئادەم 66 نەپەر، سۆھبەتكە چاقىرىلغان كىشى 1153 نەپەر، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگىنى 1122 نەپەر. لېكىن ھەر قايسى جايلارنىڭ بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىش كونكرېت ئەھۋالىدىن قارىغاندا جىلىن، ئەنخۇي، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە قىلىنغان ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي بولماسلىق نىسبىتى %30 تىن يۇقىرى بولغان، بۇنىڭغا شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر