خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ كامىروننىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىشتىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، ئىككى تەرەپ خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى