باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىيونېرلار ئەترىتى بىڭتۈەن 4- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2018.11.28 10:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  پىيونېرلار ئەترىتى بىڭتۈەن 3- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرى «قىزىل گالىستۇكنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئۇچرىشىشى»، «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»، «تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى ئەترەت ئەزاسى بولىمىز»، «بىڭتۈەن روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز» قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنى جانلىق، شەكلى يېڭى ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى، بىڭتۈەن پىيونېرلار ئەترىتى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتتا يۇغۇرۇلۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە مۇلازىمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىڭتۈەندىكى كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋەتەننىڭ گۈل غۇنچىلىرى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. بىڭتۈەن پارتكومى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلاپ، بىڭتۈەن پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىلگىرىلەشكە، سەمىمىيلىككە يۈزلەنگەن، ماھارەت جەھەتتە پىشقان، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئىلىم ۋە ماھارەتنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى پارتىيە بەرگەن پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئاساسىي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپ خىزمىتى ئۇنىۋېرسال پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر