خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي (سولدا) ئىچكى كابېنت يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن باش ۋەزىر سارىيىدىن ئايرىلىپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىغا بېرىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى چۈشەندۈردى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 26-نويابىر، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 12- ئاينىڭ 11-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمى ئۈستىدە بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى