باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىسپانىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

يېڭى دەۋردە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

2018.11.28 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:27-نويابىر، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەنىڭ « ABC گېزىتى»دە «يېڭى دەۋردە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى» تېمىلىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  يېڭى دەۋردە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  پادىشاھ فىلىپ VIنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گۈزەل، باي ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىملىق ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى زىيارىتىم ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىمنى باشلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئائىلىسى. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزمۇ مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدۇق، بولۇپمۇ قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك ئىدىيەسى توختىماي باش كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپەمنىڭ بىرى زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئىسپانىيە ياۋروپادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، بۇ يەرنىڭ يېرى ئەلۋەك، مەدەنىيىتى پارلاق، ئىلگىرى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى قەدىمىي قۇرۇقلۇق يىپەك يولى قەدىمىي پايتەخت چاڭئەن بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تارراگونانى بىر-بىرىگە باغلىغان. جۇڭگونىڭ يىپىكى ۋە چېيى تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ ئاۋازىدا ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىسپانىيەلىك دىداكو پانتويا غەربنىڭ ئاسترونومىيە ، كالېندارىنى جۇڭگوغا كىرگۈزگەن، جۇئان كوبو كۇڭزىچىلارنىڭ «روھىيەت خەزىنىسى» دېگەن ئەسىرىنى ئىسپان تىلىغا تەرجىمە قىلغان. سائاۋېدرا ئەسەرلىرىدە جۇڭگونى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ «دونكىخوت» ناملىق داڭلىق ئەسىرى جۇڭگودا كەڭ تارقالغان. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو-غەرب مەدەنىيتى گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، ئۆزئارا جەلپ قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە بىر-بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر