باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭلىسى ساغىنتايىف بىلەن كۆرۈشتى

2018.11.23 14:51   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭلىسى ساغىنتايىف بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- نويابىر خەلق سارىيىدا، قازاقىستان زۇڭلىسى ساغىنتايىف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى ساغىنتايىفنىڭ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدۇق. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ ئورتاق تونۇشلار پۇختا ئەمەلىيلەشمەكتە. دوستانە قوشنىلار ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قازاقىستاننىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ، قازاقىستان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك