باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مانا،» چوڭ دۆلەتتىكى ئېغىر پاراخوت»!ئۇنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش تارىخى

مانا، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا!ئۇ جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكا دەۋرىنى ئاچتى(ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى)

2018.11.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، يىپيېڭى قىياپەتتە يېڭىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا بىلەن دۆلىتىمىز تامامەن ئۆزى ئىشلەپ چىققان يەنە بىر ئاۋىياماتكىنىڭ بىرلىكتە بىر يەرگە توختىتىپ قويۇلغان ھەم بىرلىكتە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى ۋە بۇ ھەقتە توردا تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ۋە ئوخشاش بىر پورت رايونى ئىچىدە، يەنە بىر قانچە يېڭى تىپتىكى قوغلىغۇچى-قوغدىغۇچى چوڭ پاراخوتلارمۇ يەنە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ ھەيۋىسىنى نامايىش قىلىشىپ تۇراتتى. بۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھالقىما تەرەققىياتقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان كۆرۈنۈشىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر. مانا ئەمدى جۇڭگولۇقلار روھلىنىپ كەتتى، مانا ئەمدى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

  ئەينى ۋاقىتتىكى قىياپىتىدە ھازىر يىپيېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ يېڭىلانغان لياۋنىڭ ناملىق بۇ ئاۋىياماتكانىڭ كەڭ ئۇچۇش پالوبىسىدا يىراقلارغا نەزەر سالغاچ، دۆلىتىمىزدە تۇنجى ئىشلىنىپ چىققان ھەمدە لياۋنىڭ ناملىق مۇشۇ ئاۋىياماتكىنىڭ يېنىدا جەسۇرلۇق بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يەنە بىر ئاۋىياماتكىغا نەزەر تاشلاپ قاراپ تۇرغان شياۋ لېي لياۋنىڭ ناملىق ئاۋياماتكانىڭ سىياسىي خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى خەلق دېڭىز ئارمىيەسىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل پەخىرلىك ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۆڭلۈمدە تەبىئىي پەيدا بولاتتى، ئاۋىياماتكا ئۈستىدە ئىشلەش، بىر دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئاۋىئاماتكادا ئىشلەشنى تاللاش، مىنىڭ ئەسكەرلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ توغرا تاللاشتۇر.»شياۋ لېي ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخى بىلەن ئوخشاش ياشتىكى بىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان پۈتكۈل مۇساپىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بۇ چاغقا كەلگەن بىر كىشى. ئۇ، بالىلىق چاغلىرىدىكى ھەربىي پورتتىكى سانىغۇدەك بىر نەچچە دانە كونا پاراخوتنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، بىز مانا بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ھاياجانلانماي ۋە خۇشال بولماي تۇرالايمىز، دېدى.

  لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكانىڭ پۈتكۈل تارىخىغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە، شياۋ لېي جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكا ياساش تارىخىدا ئىشنى قۇرۇق قول باشلىغان ۋە يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن جاپالىق مۇساپىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈردى،ھەمدە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكانىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تارىخىي بۆسۈشنى ھاسىل قىلغانلىقىغا شاھىت بولدى. شياۋ لېي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ قارىشىچە، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا بولسا، ئۇ پەقەت بىر ئۇرۇش پاراخوت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ بىر مىللەتنىڭ ۋە بىر زور قوشۇننىڭ يۈز يىللىق ئارزۇسىدۇر.

  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى نىكولايېۋ كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زاۋۇت باشلىقى ماكاروۋ ھەسرەتلىك تەلەپپۇزدا ئەپسۇسلىنىپ تۇرۇپ، «پەقەت بىرەر ئۇلۇغ دۆلەتلا«ۋارياگ» نىڭ قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولاتتى!» دېگەن ئىدى. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن بۇيان توپلانغان زور ئەمەلىي كۈچلىرىمىز ۋە ھەربىي سانائەت ئاساسلىرىمىز ئېلىمىزنىڭ «ئۆزى ئاۋىياماتكا ياساش ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچىسىنى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلتۈردى.

  ئەينى يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسىلىشقا باشلاپ تېخى ئاران %60 قىسىمى پۈتكەن ئۇ نىمجان «ۋارياگ»نى شۇ ۋاقىتتا دۆلىتىمىز سېتىۋالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكانى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان ئىدى. كېيىن، جۇڭگودا «ۋارياگ»نىڭ قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتەك بۇ ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش رەسمىي بېكىتىلىپ، كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى نەچچە يۈز مىڭ قۇرغۇچى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەممە بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، پەقەت 8 يىل ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاۋىياماتكا بىلەن ئالاقىدار بىر قاتار ئەسلىھەلەر ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئىلگىرىكى نۆل ھالەتنى بۆسۈپ تاشلىدى.

  2012- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى،جۇڭگولۇقلار بەك بەك ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ كەتكەن شۇ كۈنمۇ ناھايەت يېتىپ كەلدى.يەنى، ئىلگىرىكى نىمجان «ۋارياگ»تىن ئۆزگىرىپ، ئەمدى پۈتۈنلەي يىپيېڭى قىياپەتكە كىرگەن لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئاخىرى قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قاتارغا قوشۇشتەك تەنتەنىلىك پەيتىنى كۈتۈۋالدى.بۇ ئاۋىياماتكانىڭ مىڭغا يېقىن ئەزاسى شۇ چوڭ كېمىنىڭ يان تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، پونكىتنى توختىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇراسىمى ئارقىلىق، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي پەيتكە ئورتاق شاھىت بولدى، ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدىكى ئاۋىياماتكا دەۋرىنى باشلىۋەتتى. بۇ خەۋەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىدىن كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر