باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغا بارىدىغان شەھەرلەرئارا پويىزى قاتنىدى

2018.11.27 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-نويابىر سائەت 9 لاردا، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن داۋانچىڭغا بارىدىغان K9742 قېتىملىق تۇنجى شەھەرلەرئارا پويىزىغا چىقماقتا. (زۇ يى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-نويابىر، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا بېرىپ كېلىدىغان شەھەرئارا پويىزى قاتناشنى باشلاپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق ياراتتى.

  بۇ شەھەرئارا پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىدۇ، يولدا توختىمايدۇ، داۋانچىڭغا 59 مىنۇتتا يېتىپ بارىدۇ، ھەر كۈنى تۆت قېتىم بېرىپ-كېلىدۇ، بىر يوللۇق بېلەت باھاسى 14 يۈەن بەش مو.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ جاي ھەر يىلى كۆپلىگەن ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن داۋانچىڭ ئوتتۇرىسىدا بېرىپ-كېلىشتە ئاساسلىقى تاشيول تىرانسپورتىغا تايىناتتى، يەككە مۇساپىگە كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن يۈرسە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت، يولۇچى توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىلدا يۈرسە ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر