باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 107 ئادەمدە نەپەستە تۇنجۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلدى

2018.11.26 16:22   مەنبە: خەلق تورى

سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 107 ئادەمدە نەپەستە تۇنجۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 24- نويابىر كەچتە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ شەھىرىدە زەھەرلىك گازلىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدە 107 كىشىدە نەپەستە تۇنجۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن.

  سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،يارىدارلارنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا داۋاملىق ئاپىرىپ داۋالىغان، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 107 كىشىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە نەپەستە تۇنجۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن يارىدارلار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە داۋالانماقتا.

  ھەلەب سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: پارتلاش يۈز بەرگەن ئوق-دورىلارنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك گاز بولغان.يارىدارلارنىڭ ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا، ھۇجۇمدا خىلور گازى ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 24- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر شۇ كۈنى كەچتە تەركىبىدە زەھەرلىك گاز بولغان راكېتا بومبىسىنى ئىشلىتىپ، ھەلەب ئاھالىلەر رايونى ۋە كوچىلاردا ھۇجۇم قوزغىغان، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پۇقرالاردا نەپەستە تۇنجۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بەرگەنلىكىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى.

  نۆۋەتتە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھېچقانداق قوراللىق تەشكىلات تېخى بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك