باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2018.11.26 15:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېڭ گۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتكە ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا يەنە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلىدۇ».

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 540قا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.1 ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى نەتىجىسىدە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېزلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلاندى.

  2016- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى ھەم 18 تۈرلۈك يۇقىرى «ئۈنۈملۈك» سىياسەت چىقىرىپ، سىياسەتنى مايىللاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى. شۇ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى «تىيانشان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى»نى قوزغىتىپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت ۋە كاپىتاللاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى،شىڭچۇاڭ دۇنياسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق، ھەممە تەرەپلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. چېڭ گۇڭ مۇنداق دېدى: «سىياسەت ۋە بازاردىن ئىبارەت قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ياخشى تەرەققىيات ئاساسىنى ھازىرلاپ، مەدەنىيەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، يورۇقلۇق- ماشىنىسازلىق- ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈردى».

  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تەرەققىي قىلىدىغان توپلانما رايون، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 17 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %70تىن ئارتۇق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا توپلانغان. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرى 54 مىليارد 578 مىليون يۈەنلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.35 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. ھازىر، ھەرقايسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى جەلپ قىلىدىغان ئېگىزلىكىگە ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى كۈچنى سىجىل يادرولۇق تەتقىقات ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى دۆلەت ئىچىدە 1335 تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىدىن 486 تۈرنى تىزىمغا ئالدۇردى. جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ماشىنىغا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، ئېلېكتىرون قوشۇلغان ئۈسكۈنە ئىكەن، ھازىرقى ھەر بىر شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىغا 100دىن ئارتۇق سېنزور ئورنىتىلغان، سېنزور بولغاچقا، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى خۇددى ئادەمدەك سېزىمگە ئىگە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى بىلەن شامال ئېلېكتىر مەيدانىنى باشقۇرۇش ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان.

  چېڭ گۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خۇددى جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شىركىتىگە ئوخشاشلا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تېخنىكا يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر