باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتى يامانلاشتى

2018.11.22 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى:ئىلگىرى «كورېيە ياپونىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار كېلىشىمى»گە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان تىنچ ياراشتۇرۇش ۋە ساقايتىش فوندى جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىمىز دەپ جاكارلىدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىرقانچە ئالىي ئەمەلدارى: كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئەھدىسىگە رايى قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخى مەسىلە باشتىن ئاخىرى كورېيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش يولىدىكى بىر چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ياپونىيە كارخانىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشى مەزگىلىدە كورېيەلىك ئىشلەمچىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش مەسىلىسىدە تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى، بۇ كېسىم كورېيە، ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، كورېيەنىڭ بۇ قېتىم فوندى جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇردى.

  كورېيەنىڭ بۇ فوندى جەمئىيىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئاياللار ئائىلە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ تارماق بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى فوندى جەمئىيەتنى يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە ئالاقىدار ئاپپاراتلار ۋە ئەربابلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، بۇ ئاساستا فوندى جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى چىقاردى، ئاياللار ئائىلە مىنىستىرلىقى شۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار قانۇن تەرتىپلەرنى ئىجرا قىلىپ، سىياسەت تۈزۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارنىڭ نامى ۋە ئىززىتىنى قوغدايدۇ.

  ئاياللار ئائىلە مىنىستىرلىقى فوندى جەمئىيەتنىڭ قالغان پۇللىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى، كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ فوندى جەمئىيەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى 34 ھايات ئايال ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن 58 ئايالنىڭ ئائىلىسىگە تەخمىنەن 4مىليارد 400 مىليون ۋون پۇل بەرگەن، قالغان 5مىليارد 780مىليون ۋوننى فوندى جەمئىيەتتە ساقلاپ قويغان ئىدى.

  كورېيە جامائەتچىلىكى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يارىشىش ۋە ساقايتىش فوندى جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش قارارى 2015-يىلى ئىمزالانغان «كورېيە ياپونىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار كېلىشىمى»نى بىكار قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ياپونىيە كورېيەنىڭ تارقىتىۋېتىش قارارىغا قارىتا دەسلەپ نارازىلىق بىلدۈردى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋازىرى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتە كورېيەنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، كورېيەنىڭ قارارى ياپونىيە بىلەن كورېيە ئارىسىدىكى ئالاقىدار كېلىشىمگە خىلاپ، ياپونىيە بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە نارازى دېدى ھەمدە كورېيەدىن ئالاقىدار كېلىشىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ياپونىيە بىلەن كورېيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارغا ئالاقىدار مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلغان ئىدى، مەن كورېيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ياپونىيە كابىنېت باشلىقى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيە ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى كېلىشىمنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ شۇنداقلا كورېيەدىن بۇ كېلىشىمنى ئادا قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ.

  ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيەنىڭ قارارىنى ياپونىيە قوبۇل قىلالمايدۇ، كورېيەنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر كېرەك بولسا ياپونىيە كورېيە بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە كورېيە ھۆكۈمىتى فوندى جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن «تىنچ ياراشتۇرۇش ۋە ساقايتىش فوندى جەمئىيىتى» خىزمەتتىن توختاپ قالغان ئىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار فوندى جەمئىيەت بەرگەن پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فوندى جەمئىيەتنىڭ ئەل ئارىسى ئىشلىرىغا مەسئۇل كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

  كورېيە ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى «كورېيە ياپونىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، كېلىشىمگە ئاساسەن ياپونىيە كورېيە ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك قىلغان« تىنچ ياراشتۇرۇش ۋە ساقايتىش فوندى جەمئىيىتى»نى 1مىليارد يېن بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ پۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارغا بېرىلىدۇ.

  بۇ كېلىشىم كورېيەدە كۈچلۈك قارشىلىق ۋە تەنقىد سادالىرىنى قوزغىدى، كورېيە جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئەينى چاغدا پاكگۇنھى ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغاندا خەلقىنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئاڭلىمىغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيە بۇ كېلىشىم ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن قۇرۇلغان فوندى جەمئىيەتنى باھانە قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە: فوندى جەمئىيەتكە بەرگىنىمىز ساقايتىش پۇلى، تۆلەم پۇلى ئەمەس دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، كورېيە ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن بولغان، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى كورېيە بىلەن ياپونىيەنى ياراشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىش، بۇ كورېيەدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىك.

  مۇنجېئىن ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۆپ قېتىم : «كورېيە ياپونىيە ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار كېلىشىمى» كورېيە ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى، بۇ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايدۇ دېگەن ئىدى، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە يەنە: بۇ كېلىشىمدە ئاشكارىلانمىغان مەزمۇنلار جۈملىدىن كورېيەنىڭ ئالاقىدار تەشكىلاتلار بىلەن كېڭىشىپ كورېيەدىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار ھەيكىلى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى بايقىدۇق دېدى، بۇ بىر مەھەل كورېيەدە زور داۋالغۇش قوزغىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخىي مەسىلە كورېيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا مەسىلە، يېقىندا كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ياپونىيە كارخانىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كورېيە ئىشلەمچىلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش ۋەقەسىدە تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى، بۇ قېتىم ياراشتۇرۇش ۋە ساقايتىش فوندى جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ئەسلىدىنلا نازۇك ھالەتتە تۇرغان كورېيە ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇردى.

  كورېيە كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كورېيە تېخى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچماي تۇرۇپلا بۇ فوندى جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەنلىك قارارىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ پەقەت ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىشى كورېيەنىڭ بۇ ئىشتا ياپونىيەنىڭ چىشىغا تېگىش دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ياپونىيە يەنىلا بۇ نەتىجىنى ئىنكار قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سۈركىلىشى يەنىمۇ ئەۋجگە چىقتى.

  ياپونىيەدە چىقىدىغان«ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە خەۋەر بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: كورېيە ياپونىيەنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار فوندى جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن بۇرۇن كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ كورېيەلىك ئىشلەمچىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى مانا مۇشۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەردىن ياپونىيە بىلەن كورېيە ئارىسىدىكى ئىشەنمەسلىكنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر