باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 بىرىنچى: پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن تۇنجى بوۋاق بېيجىڭدا تۇغۇلدى

2018.11.22 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1988-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، سائەت 8دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسىدا دۇنياغا كەلدى!

  گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىشيەن ناھىيەسى يەنگۈەن بازىرىدىكى جېڭ گۈيجېننىڭ ئىزچىل ئانا بولغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قوش يان تۇخۇم نەيچىسى راۋان ئەمەس، يەنە كېلىپ 38 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، توي قىلىپ بويىدا قالمىغان، بالا تۇغۇش ئارزۇسى ئىزچىل ئەمەلگە ئېشىپ باقمىغانىدى. كىچىككىنە ئۈمىد بىلەن ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، تۇغۇت بۆلۈمى پىروفېسسورى جاڭ لىجۇنى ئىزدىدى.

  پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈشتە ئۇ چاغلاردا تېخى ئاساس بولمىغاچقا، ئىشقا ئاشمايدىغان خام خىيال دەپ قارىلاتتى. جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈش ئوپېراتسىيەدىن نەچچە ئوننى ئىشلەپ، ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانىدى. جاڭ لىجۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن قورساقنى يېرىپ تۇخۇم ئېلىش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن دوختۇرخانىدا پەقەت بىرلا تۇخۇم ئالىدىغان يىڭنە بار ئىدى، يىڭنە ئۇچى گاللىشىپ قالسا، سائەت ئوڭشايدىغان پوكەيگە ئېلىپ بېرىپ، بىلەپ كېلەتتى. كەسپىي ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى يوق ئىدى، تۇخۇم پۈۋەكچە سۇيۇقلۇقى ساقلانغان پىروبىركىنى ئىسسىقلىق ساقلاش ئىستاكانىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قوياتتى. ئۇرۇقنى ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى يوق بولۇپ، ئۆزى رېتسېپ سەپلەشكە توغرا كېلەتتى... جاڭ لىجۇ كوللېكتىپى راستتىنلا تۇخۇمنى تېپىپ چىقتى ھەمدە بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈندى، جاڭ لىجۇ بىر تال ئالاھىدە ياسالغان سولياۋ نەيچە بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى كۆچۈرۈپ، جېڭ گۈيجېننىڭ بالىياتقۇسى ئىچىگە سېلىپ قويدى. يەتتە ھەپتە بولغاندا، ھامىلىنىڭ دەسلەپكى يۈرەك سوقۇشى پەيدا بولدى، كىلىنىكىلىق ھامىلىدارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى! پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈش بالىنى پىروبىركىنىڭ ئىچىدە چوڭ قىلىش ئەمەس، بەدەن سىرتىدا تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارقىدىن تۆرەلمىنى ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا سېلىپ قويۇش، ئاندىن ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرۇش ئىدى.

  «قىز بالىكەن، ئېغىرلىقى 3 كىلو 900 گىرام، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 52 سانتىمېتىر!»، - جاڭ لىجۇ بوۋاقنىڭ بېشىنى تۇتۇپ چىقىرىپ قولىغا ئالغان ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ «ئىڭە !!» دېگەن ئاۋازى ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلغانىدى. ئەر-ئايال ئىككىيلەن بالىغا «مېڭجۇ» دەپ ئىسىم قويدى، «مېڭ»-بىخ سۈرۈش، «جۇ»-بالىغا ھاياتلىق بەرگەن دوختۇر جاڭ لىجۇنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلغانىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر