باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىلىپپىن تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

2018.11.20 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ «فىلىپپىن يۇلتۇز گېزىتى»، «مانىلا گېزىتى»، «كۈندىلىك مۇنبەر گېزىتى»دە «جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پات ئارىدا فىلىپپىندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقچىمەن. فىلىپپىننىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاددىي-ساددا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىنتىزار بولماقتىمەن. بۇ يەردە، مەن فىلىپپىن خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن!

  جۇڭگو-فىلىپپىن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئارىلىقى يېقىن قوشنىلار، بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرىلا «كېمە-پاراخوتلار ئۆز ئارا قاتناپ، سودىگەر-ئەلچىلەر كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى». 600 نەچچە يىل بۇرۇن، جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا يۈرۈش قىلىپ، كۆپ قېتىم مانىلا قولتۇقى ۋە ۋىسايا، سۇلۇ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۇرۇقىنى چاچقان. سۇلۇ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى فىلىپپىن خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ، جۇڭگوغا تۇتاشقان دوستلۇق يولىغا قەدەم قويغان بولۇپ، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان ئېسىل ھېكايىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر دېڭىز ھالقىپ فىلىپپىنغا كېلىپ، شۇ جايدىكى خەلق بىلەن ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن ئىدى. فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئاتىسى، مىللى قەھرىمان رىزالنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭ شەھىرىدىن كەلگەن. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىدىكى داڭلىق قوماندان يې فېي فىلىپپىننىڭ كۇيزوندا تۇغۇلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق پەخرىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر