باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن جېڭ دېروگى بىلەن كۆرۈشتى

2018.11.21 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭگى راۋىقىدا فىرانسىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى قوشۇمچە ئېكولوگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىتتىپاقلىق مىنىستىرى دېروگى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سىجىل يۇقىرى سەۋىيەدە ساغلام مۇقىم راۋاجلاندى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ماكرون ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، زور خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى يەنە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىرانسىيە بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.

  دېروگى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئۇزاق مۇددەت دوست ئۆتۈپ كەلدى، فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى قەدىرلەيدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر