باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، «جۇڭگو-فىرانسىيە مۇھىت يىلى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2018.11.20 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، «جۇڭگو-فىرانسىيە مۇھىت يىلى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ. جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى تەرەپنىڭ «جۇڭگو-فىرانسىيە مۇھىت يىلى»نى ئۆتكۈزۈشنى ئورتاق قارار قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارى مۇھىت خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەر شارىنى ياخشى قوغداپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.

  ماكرون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، مۇھىت ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم خىرىسلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. نۆۋەتتە جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىماتنى كۆپ تەرەپلىك تۈزەش مۇساپىسىگە پائال قاتناشماقتا، بۇ، فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سالدى. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دۇنيانى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگىرىشكە يېتەكلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر