باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ نازارەت قىلدى

2018.11.21 15:57   مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، گوۋۇيۈەن جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تەشكىلىي چارىسى»گە ئاساسەن، 2018-يىلى 4-ئايدىن 10- ئايغىچە گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 40 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 59 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، قەسەم باشلىغۇچى قولىنى ئاساسىي قانۇن ئۈستىگە قويۇپ، قەسەمنامىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر ئارقا سەپتە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  قەسەم بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكتىن ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جان-دىل بىلەن ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …