بۇ،11 - ئاينىڭ 20- كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان ئالتاي شەھىرىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى بولسا، قىشلىق ساياھەت مەنزىلىنىڭ داڭلىق نىشانىدۇر. 20- نويابىردىن باشلاپ، شۇ جايدا «ھاۋادىكى ئاپتوبۇس»ناملىق بىر نەچچە قاتناش لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر كىچىك تىپتىكى مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلانلار ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا ئولتۇرۇپ، شەھەر بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا ۋە بىر مەنزىرە رايونى بىلەن يەنە بىر مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىشنى ۋە قىسقا يوللۇق سەپەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى