باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلىرىنى كېلەر ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇچۇرلارغا باشقىچە پىكرى بولغانلار ئۇنى ئۆزگەرتىشنى ۋە تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ

2018.11.21 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزى تۈنۈگۈن «ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇشتىكى 2017- يىللىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ،ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان كەڭ ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 2017- يىلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان،ھەمدە بىر ئايدىن كۆپ (بىر ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نورمال ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى بولغان خادىملار، كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش تالونى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇشنىڭ 2017- يىللىق ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەمدە ئۇنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش تالونىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2017- يىللىق شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. تەكشۈرىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شەخسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى، مەلۇم قىلغان ئېيىغا ھەق تاپشۇرىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئايدا ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى ۋە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى قاتارلىقلار. مەسىلەن، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسا، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئارقىلىق، كېلەر يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش تالونىنى ئېلىپ،ئۆزى قاراشلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى (ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى) ئورۇنغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرسا ۋە تۈزەتسە، ياكى ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەر بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانىدا تالاش-تارتىش مەسىلىسى تۇغۇلسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى چوقۇم شۇ مەمۇرىي تارماق ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئەرز سۇنۇشى ۋە ئۇنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزى بۇ يىلمۇ يەنە داۋاملىق تۈردە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى كەڭ ئاممىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش تالونىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ،بېيجىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا توردىكى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://www.bjrbj.gov.cn/csibiz/) ۋە پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىكى ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىناللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، 2017- يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش تالونىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى شۇ كىشى ئىلگىرى قالدۇرۇپ قويغان ئېلېكتىرونلۇق يوللانما پوچتا ساندۇقى ئادرېسى ئارقىلىق سۇغۇرتا ھېسابىنى سۈرۈشتۈرۈپ، 2017- يىللىق ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونى ئۇچۇرلىرىنى توردىن چۈشۈرۈۋېلىپ بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر