باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالىملىرى بەدەندىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ «ئۇۋىغا قايتىش» جەريانىنى يېشىپ بەردى

2018.11.21 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن ۋېيجۈن ئۆمەك باشلاپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۇۋىغا قايتىش تولۇق دىنامىكىلىق جەريانىنى يېشىپ بەردى، بۇنىڭ نەتىجىسى بېيجىڭ ۋاقتى 20-نويابىر سەھەردە ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە توردا ئېلان قىلىنىدۇ.

  قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كۆپىيىش، پارچىلىنىش ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى قاتارلىق ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، كىلىنىكىدا قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەر ۋە ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەر ئۇۋىغا قايتقان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭلا ئۆزىنى يېڭىلاپ ۋە ئىككىلەمچى پارچىلىنىپ، پۈتۈن قان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتالمىش ئۇۋىغا قايتىش ــ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مىكرو مۇھىتنى تېپىشى دېگەنلىكتۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۇۋىغا قايتىش بەدەندە قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇۋىغا قايتىدىغان مىكرو مۇھىت قانداق قۇرۇلما دېگەندەك بىر قاتار مۇھىم ئىلمىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن ئاز.

  پەن ۋېيجۈن ئۆمىكى ئالتە يىل سەرپ قىلىپ، بەدەندىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇۋىغا قايتىش پۈتۈن جەريانىنى تولۇق يېشىپ بېرەلەيدىغان بىر يۈرۈش پۈتۈنلەي يېڭى تەتقىقات سىستېمىسىنى تۇنجى قېتىم ياراتتى. ئۇلار رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان يالتىراق ئاقسىل بىلەن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە بەلگە قويۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى ئۇزۇن ۋاقىت تىرىك ھالەتتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۇۋىغا قايتىش پۈتۈن جەريانىنى جانلىق نامايان قىلدى. چوڭ كۆلەملىك، ئۇزۇن ۋاقىتلىق تىرىك تەن تەسۋىرىنى ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۇۋىغا قايتىش ۋاقىت-بوشلۇق قانۇنىيىتى ۋە «قىزىق نۇقتا رايونى»نى بايقاپ، تۇنجى قېتىم بەدەندىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۇۋىغا قايتىش مىكرو مۇھىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇششاق قان تومۇرلار قۇرۇلمىسىنى ئاشكارىلىدى.

  تەتقىقات جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى مىكرو مۇھىت ھۈجەيرىسىنى بايقىدى ۋە ئۇنىڭغا «باشلامچى ھۈجەيرە» دەپ نام بەردى. بۇ خىل ھۈجەيرە ئىلگىرى ئېنىقلىما بېرىلىپ باقمىغان چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ يېڭى كەنجى تىپى بولۇپ، ئۇۋىغا قايتىش «قىزىق نۇقتىسى»نىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، ئۇلار قان ئىشلەش توقۇلمىلىرىغا كىرىدىغان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە ئۇلارنى بېكىتىلگەن قان تومۇر قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈپ، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەرنى ئۇۋىغا قايتۇرىدۇ. بۇ بايقاش قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئايلاندۇرۇش تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى پىكىر يولى ئېچىپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر