11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى ماسى تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار شاڭخەي مەززىلىك تائاملار بايرىمىنىڭ تائاملار دەرسخانىسىدا مانتا تۈگمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. «تائام . مۇھەببەت . شاڭخەي» باش تېمىسىدىكى شاڭخەي مەززىلىك تائاملار بايرىمى ھەم شاڭخەي ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى نيۇيوركتا باشلاندى. 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەززىلىك تائاملار بايرىمىدا تائاملار دەرسخانىسى، تائام تېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدىكەن ھەمدە شاڭخەينىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا شاڭخەينىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە ساياھەت تۈرلىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن. (ۋاڭ يىڭ فوتوسى)