باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2018.11.21 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21- نويابىر پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن ئۆزئارا تېلېگرامما يوللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى : جۇڭگوـ پەلەستىن دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا پەلەستىن بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن، جۇڭگو - پەلەستىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق تۈردە تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمەن. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى مۇستەھكەم بەرپا قىلىشىنى قوللاپ كەلدى. ھېلىمۇ ھەم 1967- يىلىدىكى چېگرا ئاساس قىلىنغان، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلىنغان، پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋە مۇستەقىل بولغان پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو ئەلۋەتتە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە، ھەمدە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئادىل ھالدا ھەل قىلىنىشىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر