چۇڭچىڭ، فۇجيەن، سىچۈەن ۋە شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق 10 غا يېقىن ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن 80 نەچچە كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
خەلق تورى، جوھاننىسبۇرگ، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق ئافرىقا-جۇڭگو تاۋارلىرى ۋە جابدۇقچىلىق كۆرگەزمىسى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگدا ئېچىلدى.