باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىختىلاپتىن ھالقىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك

2018.11.19 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدىكى بىر قانچە مۇتەخەسسىس مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە نىيۇيوركتا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

  نىيۇيوركتىكى پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق زىياپەتتە، 95 ياشلىق ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر تەكلىپكە بىنائەن سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھازىر ئىنتايىن مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ چارە تېپىپ، يېڭى بىر خىل ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ۋە سۆزلىشىش شەكلى تۇرغۇزۇپ، خىرىسلىق قىيىن مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى تىرىشىپ يېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ساھىبخان ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىتىۋېن ئورېنس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە جىددىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، لېكىن ئۈمىد نۇرى يەنىلا چاقنىماقتا، چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى يەنىلا ئىككى دۆلەت خەلقى بەلگىلەيدۇ. ئۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ بۇ دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ گۈللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر