باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

نەپەس راۋان بولسا قان بېسىمى چۈشىدۇ، راك بولۇش نىسبىتى ئازىيىدۇ

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ

2018.11.19 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاماكا تەركىبىدە 4800 خىل زەھەرلىك ماددا مەۋجۇت. تاماكا چېكىش نەتىجىسىدە، پەقەت تاماكا چەككۈچىنىڭ سالامەتلىكىلا زىيانغا ئۇچراپ قالماستىن، يېنىدىكى ئائىلىسىدىكىلەرمۇ باشقىلارنىڭ چەككەن تاماكىسىنىڭ ئىسى بىلەن نەپەسلىنىش تۈپەيلىدىن ئۈچىنچى قوللۇق زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، بەدەندە غايەت زور دەرىجىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا »گېزىت-ژۇرنال سەھىپىلىرىدىن« ژۇرنىلى بۇ ھەقتە خۇلاسە چىقاردى.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇتتىن كېيىن، پۇت-قولنىڭ قان ئايلىنىش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن، تومۇرنىڭ سوقۇشى، يۈرەك سوقۇشى ۋە قان بېسىمى نورماللىشىدۇ. ئەگەر تاماكا چېكىدىغان كىشى ھامىلىدار ئاياللار بولسا، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى سەككىز سائەتتىن كېيىن، بەدەندىكى ئوكسىدنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، ئوكسىگېننىڭ قان ھۈجەيرىسىگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماي، ھۈجەيرىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن تۇغۇلمىغان بالا تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېنگە ئېرىشەلەيدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 24 سائەتتىن كېيىن، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئىككى كۈندىن كېيىن، نىكوتىن بەدەندىن ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق تولۇق چىقىپ كېتىدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن كېيىن، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. ئۆپكە ئۈستىدىكى تىۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇ بولسا، چاچقا ئوخشايدىغان ماددىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ چاڭ-توزان ۋە ئارىلاشمىنى سۈزۈش رولىغا ئىگە. يەنە بىر ياخشى ئالامىتى بولسا، يۆتەل كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇ تېخىمۇ كۆپ كىرلار ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۆپكىدىن تازىلىنىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتىدىن كېيىن، يۇقىرى قان بېسىمى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئوتتۇرىچە سىغىمچانلىقى %39 ئېشىپ، ئۆپكىنىڭ نەپەس قىسىلىش ئەھۋالى ئازىيىپ، تېرە رەڭگى بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يۆتەل ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆپكە قىسىمى بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى تازىلاشقا ھازىر بولىدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 12ئايدىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى ٪50 تۆۋەنلەيدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى بەش يىلدىن كېيىن، ئاشقازان راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ۋە سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە يېتىدۇ.

  ئۇنداقتا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى10 يىلدىن كېيىن، راك ھۈجەيرىلىرى ۋە راكنىڭ دەسلەپكى توقۇلمىسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەندى. بۇنىڭدا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى داۋاملىق تۆۋەنلەپلا قالماي، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى ۋە بۆرەك راكىغا گىرىپتا بولۇش خەتىرىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ.

  تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 15 يىلدىن كېيىن، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە يىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر