باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن تۇتۇلىدۇ، تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدۇ

2018.11.19 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، ئەتىگەن-كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قېلىن كىيىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 4 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 13 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئاز مىقداردا قار ياغىدىكەن. شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق تۈزلەڭ رايونلاردا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ياكى ھاۋا تۇتۇلۇپ قار ياغىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرى رايونلىرىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا گاھىدا بۇلۇتلۇق، گاھىدا ئوچۇق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر