باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تالىبان قوراللىقلىرى نۇرغۇن جايلاردا تۇتۇشتى

2018.11.16 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى يېقىندا شىمالدىكى قۇندۇز ۋە تاھار، شەرقتىكى غەزنى قاتارلىق ئۆلكىلەردە تالىبان قوراللىق خادىملىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، ئىككىلا تەرەپتىن ئۆلۈم يېتىم بولغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تالىبان قوراللىق تەشكىلاتى سىرتقا يۇقىرىقى بىر يۈرۈش قوراللىق توقۇنۇشلارنى ئىسپاتلىدى.

  ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىندا كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇش بولۇپ، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشتى، شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت يەنىلا تالىباننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋېتىپتۇ شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر