خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18ـ نويابىر سېرى بېگاۋانغا يېتىپ بېرىپ، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سېرى بېگاۋان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىققاندا، برۇنېي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى. ئايرودۇرۇم ئىچى ۋە سىرتىدا، جۇڭگو ۋە برۇنېي ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرى شامالدا لەپىلدىشىپ تۇرماقتا ئىدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، برۇنېي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى . شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن برۇنېي دېڭىز ئارقىلىق بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىشىدىغان دوست ۋە ھەمراھلار بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە برۇنېيدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئەنئەنىۋى دوستلۇققا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق پىلانلاشنى، جۇڭگو ۋە برۇنېينىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى