باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى 40 خىل «بىرىنچى»: شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى

2018.11.19 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1990- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەسلىدىكى خەلق بانكىسىنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى گۇڭ خاۋچېڭ شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى «ئۈچ كىشىلىك تەييارلىق گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى قوللاش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەيگە بېرىلگەن سىياسەتلەر ئىچىدىكى بىر ماددا شۇكى: شاڭخەيدە ئاكسىيە بىرژىسى تەسىس قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  بۇ قارارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا جاسارەتكە موھتاج ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شاڭخەيدە ئاكسىيە ئىشلىرى پوكەي سودىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى، شۇڭا، ئۇنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك ئىدى. ھازىر ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

  1990- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى شاڭخەيدە ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان ئىدى. بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىچكى ئۆلكىلەردە تەستىقلانغان تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى ئىدى. شۇ كۈنى، بىرلا ۋاقىتتا شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ئەزالار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

  1990- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ بېرژىنىڭ ئىش ئورنى شاڭخەي خۇاڭپۇ يولىدىكى پۇجياڭ مېھمانخانىسىدا بولىدىغان قىلىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا مېھمانخانىنىڭ توز زالى سودا زالىغا ئايلانغان ئىدى، ھەمدە كىنودا كۆرۈلىدىغان «قىزىل جىلىتكىلىكلەر» بىلەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» شۇ زالدا پەيدا بولغان ئىدى: سودا خادىملىرى «قىزىل جىلىتكە» كىيگەن، خىزمەتچى خادىملار بولسا، «سېرىق جىلىتكە» كىيگەن ئىدى.

  شۇ چاغلاردا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاكسىيە بىرژىلىرىدا تېخىچە قول ئىشارىتى ئارقىلىق سودىلىشاتى،لېكىن، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا تىجارەت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سودىلىشىشنى كومپيۇتېر ئارقىلىق جۈپلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ چاغدا گۇڭ خاۋچېڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىزمۇ ئىشنىڭ دەسلىپىدىلا سودىلىشىشنى يەنىلا قول ئىشارىتى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشنى ئويلىدۇق، لېكىن، سىناق قىلىش جەريانىدا نەق مەيدان بىرئاز قالايمىقانلىشىپ، دائىم خاتالىق چىققاچقا شۇڭا بىز سودىلىشىشنى كومپيۇتېر ئارقىلىق جۈپلەشتۈرۈپ يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللىدۇق. بۇ خىل ئىسلاھ قىلىش نەتىجىسىدە، بىز تۇيۇپ-تۇيمايلا دۇنيانىڭ ئاكسىيە سودىسىدىكى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنىڭ بىلەن، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى سودىلىشىشنى كومپيۇتېر ئارقىلىق جۈپلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قوللانغان سودا بىرژىسىگە ئايلاندى.»

  شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىمۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنلا ئۆز تىجارىتىنى سىناق تەرىقىسىدە باشلىۋەتكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن، شاڭخەي-شېنجېن بېرژىسى قۇرۇلمىسى شەكىللەنگەن ئىدى.

  شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، A دەرىجىلىك پاي تۈرىدە پەقەت سەككىز پاي چېكى بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنى «كونا سەككىز پاي چېكى» دەيتتى، ئۇنىڭغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، يەنە Bدەرىجىلىك پاي تۈرىدىكى پايچېكىنىڭ (ئامېرىكا دوللىرى بىلەن) سودىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ 1490 پاي چېكى بازارغا سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن،پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانىلارنىڭ سانى 1446گە يەتتى ۋە ئومۇمىي بازار قىممىتى 27 تىرىليون 812 مىليارد 58 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىنىڭ پاي چېكى غەملەنگەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 2017- يىلى دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى.ھازىر ئۇلارنىڭ پاي چېكى سودا سوممىسى ۋە پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى دۇنيا بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر