خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش تېخنىكىسى
خەلق تورى، شېنجېن، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى: 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شېنجېندا باشلاندى. يەرمەنكىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئەقلىي ئىقتىدار ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەھسۇلاتلار يەرمەنكە ئەھلىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى 1999-يىلى تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 20 يىللىق تەرەققىياتنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سىرتقا ئېچىلغان مۇھىم كۆزنەكتۇر. بۇ يەرمەنكە ئارقىلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى مەھسۇلاتلىشىپ، خەلقئارالىشىپ، ھەمدە دۆلەت، رايون ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.