خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، «جۇڭگو. نارات 2019-يىللىق قار-مۇز ساياھىتى مەدەنىيەت بايرىمى» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرىلىك رايونىنىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بولسا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13-نۆۋەتلىك «قار مۇھەببىتى» قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ تەشكىلىي قىسمى بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىشىدىن دېرەك بەردى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرىدىن باشقا، ساياھەتچىلەر يەنە ھەر تۈرلۈك مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە قار-مۇز تېمىسىدىكى پائالىيەتلەردىنمۇ ھۇزۇرلىنىدۇ؛ ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، قىز قۇۋار، ئات مىنىش، قارلىق دالىدا موتسىكىلىت، خادىك، تىك ئۇچار ئايروپىلان نومۇرى كۆرسىتىش قاتارلىق نومۇرلار ۋە دالىدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق نومۇر ۋە پائالىيەتلەر ئارىلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىپ، ساياھەتچىلەر سىناپ بېقىش، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق پائالىيەتلەر جانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى