- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردىرىن بىلەن كۆرۈشتى
2018.11.16 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنگاپوردا ، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردىرىن بىلەن كۆرۈشتى .
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ، رايون تەرەققىياتى ، گۈللىنىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، داۋاملىق ئاكتىپ ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن ، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قوش يۆنىلىشلىك سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئورۇنداپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئاردىرىن مۇنداق دېدى: يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، يېڭى زېلاندىيە داۋاملىق جۇڭگوغا ئىجابىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ ، جۇڭگو بىلەن « بىر بەلباغ ، بىر يول » ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ،ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر