باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، 2- قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2018.11.16 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2- قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىل بۇرۇن، بىز مانىلادا، 1- قېتىملىق رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى باشلىقلار يىغىنىنى ئاچقان ئىدۇق. ھازىر سۆھبەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى ، بىز يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ، كېلەر يىل كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەزكۇر رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىگە بالدۇرراق نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم ۋە قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتىدۇ ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە ئىجابىي مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ، سىرتقا قائىدە ئاساسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوللاش توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ ، رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ، ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشىپ ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى 2019-يىلى تاماملاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر