باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

130 مىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى تاماملاندى

دېھقانلار بۆلۈشكەن پاي پايدا سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2018.11.19 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، يېزا مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1000دىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر)نى قاپلىغان، مەملىكەت بويىچە 130 مىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئىسلاھاتى تاماملانغان، مەملىكەت بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان كوللېكتىپ ئەزالىرى 200 مىليوندىن ئاشقان، دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن پاي پايدا سوممىسى 325 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، دېھقانلار ئاممىسى ئىسلاھات داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان.

  يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەملىكەت بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى ۋېنچۈەن بازىرى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپېراتىپى قاتارلىق 10 كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق «كىملىك»ى بار بولغىنىدىن دېرەك بەردى.

  مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە، 2019-يىلى مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىلىدۇ، 2021-يىلى پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر