باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئون ئايدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى

ئېلىمىز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە يېڭىدىن 11 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

2018.11.16 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 15-نويابىر ئاچقان قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى مۇقىم ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 49 مىڭ 545كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %89.3 ئاشقان؛ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى 701 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %3.3 ئاشقان. 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 3623كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.6 ئاشقان؛ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 64 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان.

  ئالدىنقى ئون ئايدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. غەربىي رايونلارنىڭ تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى داۋاملىق سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىدى. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالىشىپ، ئېرراتسىئونال مەبلەغ سېلىش ئۈنۈملۈك چەكلەندى. ئېلىمىز تەۋەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پۈتۈن دۇنيادىكى 155 دۆلەت ۋە رايوننىڭ چېگرا سىرتىدىكى 4905 كارخانىسىغا پۇل مۇئامىلىسىز بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىپ، جەمئىي سېلىنمىسى 89 مىليارد 570 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %3.8 ئاشتى. تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىمزالانغان توختام سوممىسى 168 مىليارد 200 مىليون دوللارغا، تىجارەت سوممىسى 121 مىليارد 670 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %2.5 ئاشتى. ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 55 دۆلەتكە يېڭىدىن سالغان سېلىنمىسى ئېشىپ، 11 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %6.4 ئاشتى.

  ئالدىنقى ئون ئايدا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار رويخەتكە ئالغان ياكى تەستىقلىغان چەت ئەلگە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلار 7119غا يېتىپ، جۇڭگونىڭ كېلىشىم بويىچە سالغان مەبلىغى 107 مىليارد 940 مىليون دوللارغا يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. ئالدىنقى ئون ئايدا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %9.2 ئاشقان. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۆزەتكەن 5000 نۇقتىلىق كارخانىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 10-ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، 9-ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئون ئاينىڭ جەمئىيسى بۇلتۇرقىدىن %4.5 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر