خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-چېسلا مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مورېسبى پورتىغا يېتىپ بېرىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش پائالىيىتىنى باشلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان مۇرېسبې پورتىدىكى جېكسون خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمىسىدىن چىققاندا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېبېر ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىلىك ئۆسمۈرلەر شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە جەسۇر، قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تىك تۇراتتى. يەرلىك ئۇسسۇلچى ئارتىسلار باشلىرىغا پەي بېزەكلەرنى تاقىغان، بېلىگە ئوت-چۆپ يوپكىنى چىگىۋالغان، قوللىرىدا دۇمباقلارنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ئۆزلۈكىدىن يېتىپ كەلگەن شۇ جايدىكى ئامما، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئايرودۇرۇم سىرتى ۋە جۇڭگو ۋەكىللىرى چۈشكەن مېھمانخانا سىرتىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلاتقىنىچە شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رايونىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەت. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. زىيارەت مەزگىلىدە مەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى دەۋر ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ زور پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى يەنىمۇ نەپكە ئىگە قىلىمەن. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ئېچىشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان، ھەتتا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۆ بىڭ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى سەپىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بېيجىڭدىن ئايرىلدى. شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى دادائى ۋە زۇڭلىسى ئونىل، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ھەسەنئال، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى ئونىلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى