- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون بىلەن 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى
2018.11.16 15:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى كەچتە ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سىنگاپوردا ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون بىلەن 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى .
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىز ئاۋسترالىيە بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش نەزىرى بىلەن ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. بىز ئاۋسترالىيە بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ، قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ ، كۆپ تەرەپلىك ساھەدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە ئەركىن سودىنى بىرلىكتە قوللاپ ، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، مەزكۇر رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشنى خالايمىز .
موررىسون مۇنداق دېدى :بىز جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا ، يېڭىلىق يارىتىش، كانچىلىق، ساياھەت، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى، ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلاردا جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر