باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«10 - ئايدا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى»

2018.11.16 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 10 - ئايدا، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.5 ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى ئىللىق ئارىلىقتا تۇرماقتا. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 10 - ئايدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

  10 - ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئىللىق ئارىلىقتا تۇرماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 0.2 ئاشتى، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پوئىنتى تارايدى؛ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئۆستى، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە تەڭلەشتى. ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 0.4 ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.2 پوئىنت تارايدى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئۆرلىدى، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تارايدى.

  مېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىسمەن تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 10-ئايدا، يېمەكلىك باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە ئازراق ئۆرلىدى، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئازراق ئۆستى، رەڭلىك مېتال باھاسى ئازراق چۈشتى، كوكس كۆمۈرىنىڭ باھاسى ئازراق ئۆستى، تەييار ماينى توپ سېتىش باھاسى داۋاملىق ئۆرلىدى.

  مېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن چۇڭچىڭ چيەنجياڭ تۆمۈر يول تۈرى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە يىپەك يولى بويىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. چىڭخەي-خېنەن 800 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى-پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى نىسبەتلىك ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسىغا تۈرتكە بولۇپ، يىراق مۇساپىلىك، چوڭ سىغىملىق پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈشكە تېخنىكا ۋە ھەرىكەت تەجرىبىسى توپلاپ بەردى.

  مېڭ ۋېي يەنە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، شۇنىڭدەك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازارلاشتۇرۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر