باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

2018.11.15 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى . جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىنى باشلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئېرىشكەن زور بۆسۈش . ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى روب مەكفېرسون مۇنداق دېدى : ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمنى ھاسىل قىلدى ، لېكىن ھازىر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى تېخى ئېلان قىلىنمىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى چۈشتىن كېيىن كابىنېت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ، كابىنېت ئەزالىرى بىلەن كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئالاقىدار قانۇنغا ئاساسەن، سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن يەنىلا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر