باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ

2018.11.16 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ جېمىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، دۆلەت كاپىتالى بىلەن باشقا ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كاپىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىمۇ سىجىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋېڭ جېمىڭ مۇنداق دېدى : كەلگۈسىدە نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش سالمىقى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال ئېچىۋېتىلگەن ساھە ۋە دائىرىگە تەرتىپلىك كېڭەيتىلىپ، ئېچىۋېتىش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى زورايتىلىدۇ؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تىپىك مىساللار بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ ،نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ بىر تۈركۈم قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى ، كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ كارخانىلار تاللىنىپ سىناق نۇقتىلىرى كېڭەيتىلىپ ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى ئۆستۈرۈلىدۇ .

  ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ياخشى زورايتىش ئۈچۈن ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى جەريانىدا مۇدىرىيەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى بازارلاشتۇرۇپ تاللاش ، كارخانا ئىش ھەققى تەقسىمات پەرقى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ، خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشى قاتارلىقلار بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇلۇپ ؛ ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق خاراكتېرى ۋە بىر پۈتۈن سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا ، ئۇزاق مەزگىللىك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر