باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

【ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل】«ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2018.11.15 15:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆرۈرمەنلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش «ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.

  مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش «ئەسىر نۇرى . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى يېقىندا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى.

  بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ «ئەسىر نۇرى» مەدەنىيەت تەرەققىيات پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت سەنئەت سارىيى، شىنجاڭ ئېتنوگىرافىيەلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان 50تىن كۆپ شىنجاڭلىق فوتوگرافنىڭ ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانى باش تېما قىلىنغان، يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان «نەنخۇ كېچىسى»، بايىنبۇلاقنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان «بايىنبۇلاق»، تۈن كېچىدىكى ئۈرۈمچى چاسا يولى ئاسما كۆۋرۈكى مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «كۈندىن كۈنگە ئۆزگىرىش» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

  بۇ ئەھمىيەتلىك كۆرگەزمە مول نەتىجە بىلەن 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاياغلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر