باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2018.11.16 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 15- نويابىر «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب − كىرىش سۆز، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى، دىنىي مەدەنىيەت ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار دېيىلدى: شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەتلەر كۆچۈپ، توپلىشىپ ياشىغان جاي، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاقىسى يۇغۇرۇلغان سەھنە. تارىخىي مۇساپە داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى؛ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سەھنىسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى چوقۇم ئۆزىنىڭ يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى، مەدەنىيەت يارىتىش داۋامىدا يېڭى گۈللىنىش بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، شۇنداقلا كەلتۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر