باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سۈرەيلى

2018.11.15 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ «خەۋەرچىلەر پوچتا گېزىتى»، «پۇقرا گېزىتى»دە، «جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سۈرەيلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  مەن پات ئارىدا داڭلىق «جەننەت قۇشى دۆلىتى» بولغان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقچى ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشماقچىمەن. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى. مەن بۇنىڭدىن تولۇق ئۈمىدۋارمەن.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بولسا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى، تەبئىي بايلىقى مول، تەرەققىيات جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور، بىر پارچە ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت زېمىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زۇڭلى ئونېلنىڭ رەھبەرلىكىدە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئاكتىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، دۆلەت تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىدى، جەمئىيەت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. مەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يولىدا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ چوڭ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بۇ قېتىم ئۇيۇشتۇرغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر