باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدا، ھەربىي ئىشلاردىكى سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

2018.11.15 14:40   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدا، ھەربىي ئىشلاردىكى سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 13- ، 14-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈملىرى ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە، پارتىيەمىز ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە ئاساسەن ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە تۈپ مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈمىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، رىقابەت ۋە ئۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتە ۋەزىيەت، ۋەزىپە، تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈملىرىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى — يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جەڭگىۋارلىقنى بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، ھەربىي ئىشلار خادىملىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئالدىن لايىھەلەپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، قايتىدىن رەتكە سېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسەت، تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…