باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت تۆلىمى ۋە ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇشقا ئالاقىدار 10 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2018.11.14 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 13- نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت تۆلىمى ۋە ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇشقا ئالاقىدار 10 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ئېرجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت تۆلىمى، ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش-دېلو بېجىرىشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خۇگجىلتۇ، نيې شۇبىن، بېيپېڭ شىركىتى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم دۆلەت تۆلىمى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە سوت قىلىپ، شياۋ زۇفۇ، لى شۈنلې، شىن جىنچېڭ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش دېلولىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان بەش دۆلەت تۆلىمى تىپىك دېلو مىسالى بولسا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۆلەم ھەيئىتى قاراپ چىققان نۇرغۇن دۆلەت تۆلىمى دېلولىرىنىڭ بىر كارتىنىسى بولۇپ، ئاساسلىقى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ۋە دېلو مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنغان. تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار ج خ، تەپتىش، سوت، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دېلو مەزمۇنى ئايرىم- ئايرىم جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قېلىش تۆلىمى، گۇناھسىزلارنى قولغا ئېلىش تۆلىمى، خاتا ئىجرا قىلىش تۆلىمى، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلماسلىق تۆلىمى ھەمدە مەسئۇلىيىتىنى يوللۇق ئادا قىلىپ تۆلەم بەرمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارغا چېتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دۆلەتنىڭ ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇشقا ئالاقىدار بەش تىپىك دېلو مىسالى بولسا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئەمەلىي مىساللار بولۇپ، بۇ بەش دېلو مىسالى جىنايى ئىشلار بويىچە زىيانلانغۇچىلارنى پاناھلاندۇرۇش، ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە پاناھلاندۇرۇش، مەمۇرىي دەۋا بويىچە پاناھلاندۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش بويىچە پاناھلاندۇرۇشقا چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر