باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ خۇنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.11.14 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 13-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى ۋە كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، باشلىنىش مۇراسىمى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر جاراڭلىق ئاۋازدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ، پارتىيەنىڭ قىياپىتى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ قىياپىتى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى تارىخىي سەھىپىنى ئاچتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش جۇڭگو خەلقىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ياراتقان ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرىنى، تارىخىي ئىجادىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇرغۇپ چىققان زور مەنىۋى كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلارغا زور تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان. يېڭى دەۋردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر