- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، برۇنېي، فىلىپپىندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
2018.11.13 16:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 12-نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيسى دادائەي ۋە زۇڭلىسى ئونېل، برۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ھەسەنال، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئارىلىقتا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى ئونېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر