باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.11.09 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بيېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 11- ئاينىڭ 7-كۈنى جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا بىر مەيدان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى تېخىمۇ زىچ باغلاندى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش بىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى ئالاقە تورى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە جىددىي ئېھتىياجلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى، دۇچ كېلىۋاتقان رېئال خىرىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى، تور بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەنپەئىتى، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئېھتىياجى ئوخشاش. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا «ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان رەقەملىك دۇنيا − تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» باش تېما قىلىنغان. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل رەقەملەشكەن دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر