خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدىكى يىپەك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت مەتتۇرسۇن سېختا ئەتلەس توقۇش سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
ئەتلەس — شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر توقۇلما بۇيۇمى بولۇپ، كۆركەم رەڭلىرى، ئېنىق سىزىقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئەتلەسنى قول بىلەن توقۇش- بوياش ھۈنەر-سەنئىتىمۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان جىيا يېزىسى ئېغىر نامرات يېزا بولۇپ، بۇ يەر ئىزچىل ئەتلەس ماكانى دەپ قارىلىدۇ. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت زاۋۇت قۇرۇپ، توقۇش ماشىنىسى بېرىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇردى. كەنتتىكىلەر كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ، تور دۇكىنى ئېچىپ، كارخانا قۇردى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى ئەتلەس سانائىتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە قىش پەسلىدىكى بىكار ۋاقىت بولسىمۇ، توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى